- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى كىشىنى ئەندىشىگە سالدى
2013.03.21 08:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 19-مارت ئۆز تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىق كۈچىلىرىنىڭ خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلىتىشى سۇرىيە ۋەزىيىتى تەرەققىياتىدا كىشىنى ئەندىشەگە سالىدۇ، بۇ خەتەرلىك يېڭى يۆلىنىش دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: دەمەشىقتىن كەلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر 19-مارت ھەلەپ ئۆلكىسىدە خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەن. رۇسىيە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ سۇرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
سۇرىيە ھۆكۈمەت تەرەپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 19-مارت خەۋەردە مۇنداق دېدى: ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرى ھەلەپ ئۆلكىسىدە خىمىيىلىك ماددىلار بار راكېتا بومبىسى ئىشلىتىپ، ئاز دېگەندە 25 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 130 ئادەمنى يارىلاندۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە