- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنخۇا ئاگېنتلىقى پىلان دوكلات، خامچوت دوكلاتىنى تارقاتتى
2013.03.20 16:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇق بويىچە 19-مارت «خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ 2012-يىللىق ئىجرا ئەھۋالى ۋە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ 2013-يىللىق لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلات»، «مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ 2012-يىللىق ئىجرا ئەھۋالى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ 2013-يىللىق خامچوت لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلات»نى تولۇق تېكىستى بىلەن تارقاتتى. 17-مارتتىكى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا، ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، بۇ ئىككى دوكلات ھەققىدىكى قارار ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.
«خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ 2012-يىللىق ئىجرا ئەھۋالى ۋە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ 2013-يىللىق لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلات»نىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ 2012-يىللىق ئىجرا ئەھۋالى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 2013-يىللىق ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئاساسلىق نىشانى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 2013-يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە تەدبىرى. «مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ 2012-يىللىق ئىجرا ئەھۋالى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ 2013-يىللىق خامچوت لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلات»نىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ 2012-يىللىق ئىجرا ئەھۋالى، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ 2013-يىللىق خامچوت لايىھەسى، مالىيە، باج ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 2013-يىللىق خامچوتنى تېرىشىپ ئورۇنلاش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە