باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە ئۆلچەملەشكەن تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتتى

2013.03.20 17:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆلچەملەشكەن قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دېھقانلار شادلىقى ساياھىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە يەرلىك ئۆلچەم بېكىتىپ، ئىلگىرىكى مۇلازىمەت ئۆلچىمى، مەھسۇلات سۈپىتى ئېغىزدا بار، ئەمەلىيەتتە يوق بولۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتتى.

  18-مارت شىنجاڭ«ئاپتونوم رايوننىڭ 2011-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئۆلچەملىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى »نى ئېلان قىلىپ، ساياھەت، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش، كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش، يېزا ئىگىلىكىدىكى داڭلىق مەھسۇلات كارخانىلىرى، ماناسنىڭ يېشىل قاشتېشى، دېھقانلار شادلىقى يېمەك ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەر ۋە ساھەلەرگە يەرلىك ئۆلچەم تۈزدى. بۇنىڭدىن كېيىن خەلق تۇرمۇشى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ مۇھىم ساھەلەردە ئۆلچەملەشكەن تەلەپ بويىچە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىنىدۇ.

  ھازىرغىچە شىنجاڭ 119 يەرلىك ئۆلچەم ئېلان قىلدى، بۇ يېشىل ئالقات ئىشلەپچىقىرىشى، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق كۈزگى بۇغداي يېتىشتۈرۈش، ماناسنىڭ يېشىل قاشتېشى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ قاپلىدى، بۇ ئۆلچەمنىڭ تۈزۈلۈشى ھەم تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا سۈپەت ئاساسى سېلىپ بەردى، ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلاتلارنى خاتىرجەم سېتىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

  پىروگرامما بويىچە 2015-يىلغا بارغاندا شىنجاڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۆلچەملىك سىستېما تۇرغۇزىدۇ، يەرلىك ئۆلچەملەرنىڭ سانى 1500 گە يېتىدۇ، ئاساسەن يېزا ئىگىلىك، سانائەت، مۇلازىمەت قاتارلىق كەسىپلەرنى قاپلايدۇ، يەرلىك ئۆلچەم بىلەن دۆلەت ئۆلچىمى، كەسىپ ئۆلچىمى ماسلاشتۇرۇلىدۇ، ئىتتىپاق قۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە