- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۇڭگۇەندىكى ناچار ھاۋا رايى 8 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى، يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەپچى بولدى
2013.03.21 17:31 مەنبە: خەلق تورى
بىر كۈن ئىچىدىلا دۇڭگۇەن شەھەر ئاھالىلىرى قاتتىق بوران، قارا يامغۇر، گۈلدۈرماما، مۆلدۈر قاتارلىق ئىنتايىن ناچار ھاۋا رايىنى بېشىدىن كەچۈردى. 20-مارت، دۇڭگۇەن شەھەرلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى تاراتقۇلارغا، 20-مارت چۈشتىن كېيىن گۈلدۈرمامىلىق بوران ۋە مۆلدۈرنىڭ تەسىرىدە دۇڭگۇەندىكى قىسمەن جايلاردا سەككىز بال ئەتراپىدا گۈلدۈرمامىلىق بوران چىققان ئارقىدىنلا ياغقان يامغۇر بارا ـ بارا مۆلدۈرگە ئايلانغان، بۇنىڭ ئچىدە دالىڭشەندە چىققان بوران 14 بالغا يېتىپ سۈرئىتى سېكونتىغا 49.1 مېتىرغا يەتكەن، ئەڭ قاتتىق يامغۇر خوۋجې كوچىسىدا ياغقان بولۇپ، مىقدارى 40.6 مىللىلىتىرغا يەتكەن.
دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ناچار ھاۋا رايى سەككىز ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى، ئىككى ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى، 134 ئادەمنىڭ يىنىك يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە