باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسى كارزائىنىڭ پەرمانىغا قەتئىي پىسەنت قىلمىدى(1)

2013.03.21 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزائى ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ۋارداك ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە قىسمىنىڭ چىقىپ كېتىشى توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى ھەمدە ئىككى ھەپتە مۆھلەت بەرگەن ئىدى، مانا ئۈچ ھەپتە بولاي دېدى، ئامېرىكىنىڭ ئەسكەرلىرى چېكىنىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن پىرېزىدېنت پەرمانىغا پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىدى.

  16-مارت، 500دىن ئارتۇق ئافغانىستان ئاممىسى پايتەخت كابۇلدا نامايىش قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسمىنىڭ چېكىنمىگەنلىكىگە قارشى تۇردى. نامايىشچىلارنىڭ ئارىسىدىكى «مەن پەقەت ئوقۇغۇچى، مەن پەقەت دېھقان تۇرسام، سەن نېمىشقا تېررورلۇققا قارشى نام بىلەن ماڭا قەست قىلىسەن» دېگەن سۆز يېزىلغان لوزۇنكا كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتاتتى.

  ۋارداك ئۆلكىسىنىڭ ئاھالىلىرى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسمىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە كېلىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزگە ئىلمايدىغان قىلمىشلىرىدىن غەزەپلەندى . ئامېرىكا ئارمىيەسى قالايمىقان ئادەم تۇتقاچقا، يەرلىك ئاھالىلەر ھەتتا ئاغرىپ قالسىمۇ دوختۇرخانىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى بىر ئوقۇغۇچى تۇتۇپ كېتىلدى، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ يارا بولۇپ كەتكەن جەسىتىنى بايقىدى.

  شەھەر ئاھالىسى خالىف مۇنداق دېدى: ئۇلار يولدا سىزنىڭ ماشىنىڭىزنى خالىغانچە توسۇپ، سىزنى تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ، ھېچقانداق ئىشنى چۈشەندۈرمەيلا سىزنى تۈرمىگە تاشلايدۇ. شەھەر ئاھالىسى مۇنىر: بىز ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشىنى خالىمايمىز، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئارمىيەسىگە موھتاج ، دەپ نۇرغۇن ئاھالىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

  كارزائى چېكىنىپ چىقىش پەرمانىنى ئىمزالىغاندا، ۋارداك ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم ئۆزىنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسمىنىڭ ئەسكىرى دەپ ئاتىۋالغان قوراللىقلار شۇ يەرلىك ئاھالىلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئۇلارنى قىيىناش ۋە ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىگە چېتىلدى، دېدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى بولسا بۇنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىدى، لېكىن ئۈچ ھەپتە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئەسكەر چېكىندۈرۈش ھەققىدە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە