باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىنىڭ يەشمىسى (1)

2013.03.21 15:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن ، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە، جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەمۇرىيەت تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش نىشانى توغرىسىدىكى تەلەپ بويىچە، فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى يادرو قىلىپ، مەمۇرىيەتنى داۋاملىق ئىخچاملاپ، تۆۋەنگە ھوقۇق بېرىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم – مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى توغرىسىدا

  گوۋۇيۈەننىڭ بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش ۋە مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش نۇقتىلىق دەۋر قىلىنىپ، چوڭ تارماق تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، تۆمۈريول مەمۇرىيىتى بىلەن كارخانا ئايرىۋېتىلىدۇ، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت، يېمەكلىك – دورا، ئاخبارات – نەشرىياتچىلىق ۋە رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە، دېڭىز – ئوكيان، ئېنېرگىيە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ كۈچەيتىلىدۇ.

  (1) تۆمۈريول مەمۇرىيىتى بىلەن كارخانىسى ئايرىۋېتىلىدۇ. تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ۋە تىرانسپورت تىجارىتىنىڭ ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۆمۈريول تىرانسپورت تىجارىتىنىڭ تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ھەر خىل قاتناش – تىرانسپورت ئۇسۇللىرىنىڭ بىر – بىرىگە جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۆمۈريول مەمۇرىيىتى بىلەن كارخانىسى ئايرىۋېتىلىپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش – تىرانسپورت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ تۆمۈريول تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە سىياسىتىنى تۈزىدىغان مەمۇرىي مەسئۇلىيىتى قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش – تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ. دۆلەت تۆمۈريول ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ ۋە تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ باشقا مەمۇرىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۆمۈريول تېخنىكا ئۆلچىمىنى تۈزۈش، تۆمۈريول بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشى، تىرانسپورت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى قۇرۇلۇپ، تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ كارخانا مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۆمۈريول تىرانسپورتىدىكى بىرتۇتاش بەلگىلەش – قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، تۆمۈريولدا يولۇچى توشۇش – يۈك توشۇش كەسپىنى باشقۇرىدۇ، مەخسۇس توشۇش، ئالاھىدە توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولىدۇ، تۆمۈريول بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتىغا خاس جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ۋەھاكازالار.

  دۆلەت تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىغا داۋاملىق مەدەت بېرىپ، تۆمۈريولنىڭ مەبلەغ سېلىش – يۈرۈشتۈرۈش ئىسلاھاتى ۋە كىرا باھاسى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى لىنىيە ۋە تىرانسپورتنىڭ قېلىپلاشقان ياردەم مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆمۈريول كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، تۆمۈريول مىنىستىرلىقى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە