باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يىڭلۇك شىناۋاترا مال مۈلۈكىنى يالغان مەلۇم قىلدى دەپ شىكايەت قىلىندى

2013.03.21 16:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:تايلاند چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتى 18-مارت مۇنداق دېدى: كومىتېتىمىز باش مىنىستىر يىڭلۇك شىناۋاترانىڭ مال مۈلۈكىنى يالغان مەلۇم قىلغانلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ناۋادا ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، يىڭلۇك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن. تايلاند سىياسىي دائىرىلىرىنىڭ يۆنىلىشى يەنە بىر قېتىم دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  يىڭلۇك شىناۋاترانىڭ شەخسىي مال مۈلۈكىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى 2011-يىلىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يىڭلۇك شىناۋاترا ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، پارلامېنت ئەزاسى ۋە باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىنكى 30 كۈندە ئىككى قېتىم تايلاند چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا مال مۈلۈكىنى مەلۇم قىلغان.

  بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئەمەلىيەتتە، يىڭلۇك مال مۈلۈكىنى يوشۇرمىدى، بۇ قېتىمقى ۋەقە تاكسىنگە قارشى سىياسىي كۈچلەر ئەدلىيە سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ قوزغىغان بىر قېتىملىق ھۇجۇم بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار يىڭلۇك ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە