باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 5مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، بۇغداي تېرىقچىلىقىنى مۇكاپاتلايدۇ

2013.03.20 17:17         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلى، شىنجاڭ ئوچۇق-ئاشكارا سېتىۋېلىش، ئوچۇق-ئاشكارا، بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى داۋاملىق تۈردە يولغا قويىدىغان بولۇپ، بۇغداي ۋە شالنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنى 0.2 يۈەن ئۆستۈرىدۇ شۇنداقلا ھەر كىلوگرام بۇغدايغا بېرىلىدىغان بىۋاسىتە تولۇقلىما پۇل ئۆلچىمىنى 0.2 يۈەندىن 0.3 يۈەنگە ئۆستۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى يېڭىدىن قوشۇلغان 0.1 يۈەن تولۇقلىما پۇل كارخانىلارنىڭ ئوڭ باھادا سېتىشىغا كىرگۈزەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز 5 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، بۇغداي تېرىقچىلىقى ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغان ناھىيە-شەھەرلەرنى مۇكاپاتلاپ، دېھقانلار قانچىلىك تاپشۇرسا شۇنچىلىكنى سېتىۋېلىش، قانچىلىك سېتىۋالسا شۇنچىلىككە تولۇقلىما بېرىش، دېھقانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى زىيان تارتقۇزماسلىقنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  12-مارت، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئوبوروتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئاشلىق بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويۇپ، ‹‹تۆۋەن چەكنى ساقلاش، بىخەتەرلىكنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش›› نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىم باھاغا كاپالەتلىك قىلىش، ئامباردا ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالىتى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن.

  2009-يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ‹‹ئۇدا بەش يىل ئېشىش››تەك چوڭ، ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، شۇنداقلا بۇ ئاشلىق ئوبوروتىدىكى بۇغداي ئەڭ كۆپ سېتىۋېلىنغان بەش يىل بولدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاشلىق سېتىۋالغۇچى ۋە ساتقۇچى دۆلەت كارخانىلىرى 14 مىليون 300 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋالدى، باھادىن سىرت 2 مىليارد 860 مىليون يۈەن بىۋاسىتە تولۇقلىما پۇلنى نەقلەشتۈردى.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز بۇغداي بىخەتەرلىكىنى ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىم نۇقتا قىلىدىغان بولۇپ، 5 مىليون 500 مىڭ~ 6 مىليون 500 مىڭ توننا بۇغداينى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش، 2 مىليون 500 مىڭ ~ 3 مىليون 500 مڭ توننا بۇغداينى سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئامباردا ساقلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئوبوروتى خىزمىتىنىڭ ئىلمى، ھالقىما تەرەققىي قىلىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرىلىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ئاشلىق سېتىۋېلىش ئومۇمىي مىقدارىنى يەتتە مىليونغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە