باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەھىيە قىزىق تېلېفونى 26 ئۆلكىنى قاپلىدى

2013.03.21 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 19-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2006-يىلى ئېچىۋېتىلگەن سەھىيە قىزىق تېلېفونى 12320 ھازىر 26 ئۆلكىنى قاپلىدى، 2012-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە قىزىق لىنىيە ئارقىلىق مەسلىھەت بېرىش، ئالدىن كېلىشىپ داۋالاش، شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش قاتارلىقلاردىن 34 مىڭ 490نى تاپشۇرۇپ ئالدى.

  نۆۋەتتە 12320 قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونى داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش كەسپىنىڭ ھەممىلا يېرىگە كېڭەيدى، قىزىق لىنىيە ئاممىغا سەھىيە، قانۇن، نىزام ۋە سىياسەت ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىپ، ساغلاملىق ساۋاتلىرى ۋە ماھارەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، سەھىيە سىياسەت ئۇچۇرلىرى ۋە ساغلاملىق، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تارقىتىشتىكى مۇھىم روجەككە ئايلاندى، ئاممىنىڭ شىكايىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەرز تەلىپىنى ئىنكاس قىلىش مېخانىزمى، زىددىيەتنى ھەل قىلىش مېخانىزمى ۋە ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئارىسىدىكى ئالاقە يولى راۋانلاشتى، ئالدىن كېلىشىپ داۋالاش قانات يايدۇرۇلۇپ، كېسەل كۆرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسى بەلگىلىك دەرىجىدە پەسەيدى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا كاپالەتلىك قىلىش، سەنلۇ سۈت پاراشوكى ۋەقەسى، ئا تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام، قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەشنى كۈچەيتىش، شىنجاڭدىكى ئومۇرتقا سۈر ماددىسى ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرى ۋە زور سەھىيە ھەرىكەتلىرىدە ئامما بىلەن ئالاقە قىلىش رولىنى جارى قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە