- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
نېگىريە كروس ئوبلاستى ئولېن دەرياسىدىكى كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئادەم سانى 50كە يەتتى
2013.03.21 17:32 مەنبە: خەلق تورى
نېگىرىيە قىزىل كرىست جەمئىيىتى ئاخبارات ئەمەلدارىنىڭ 20-مارت ئاشكارىلىشىچە، نېگىرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى كروس ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئادەم سانى 50كە يەتكەن.
نېگىرىيە قىزىل كرىست جەمئىيىتى ئاخبارات ئەمەلدارى كاسېرىن مۇلى شىنخۇا ئاگنېتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى، نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش، سۈزۈش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا، ئاز دېگەندىمۇ 50 ئادەم قازا قىلغان. كېمىدە 160 چە يولۇچى بولۇپ، قازا قىلىدىغان ئادەم سانى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن.
19-مارت كەچقۇرۇن كروس ئوبلاستى ئولېن دەرياسىدا بىر كېمە چۆكۈپ كەتكەن. يەرلىكتىكى تاراتقۇلارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كېمىدىكى يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى نېگىرىيەلىكلەر ئىكەن. شۇ كۈنى كەچتە، نېگىرىيە جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى مۇخبىرلارغا ئىككەيلەننى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كروس ئوبلاستىنىڭ مەركىزىي شەھىرى كالابادا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە