باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تۆمۈريول تونىلى قۇرۇلۇشى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنىرى: پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى چۇقۇم ئۆسىدۇ، بەلكىم ئايروپىلان بېلىتىدىنمۇ قىممەت بولۇشى مۇمكىن

2013.03.20 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو تېخنولوگىيە ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو تۆمۈريول تونىلى قۇرۇلۇشى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنىرى ۋاڭ مېڭشۇنى زىيارەت:

  تۆمۈريول ئىسلاھاتىدا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك
  ۋاڭ مېڭشۇ جۇڭگونىڭ كۆۋرۈك-تونىل قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو تېخنولوگىيە ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى. 75 ياشقا كىرگەن بۇ پېشقەدەم مۇتەخەسسىس ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتى ۋە دادىل پىكىرى بىلەن تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تۆمۈريول مىنىستىرلىقىدىكى نەچچە قېتىملىق ئايرىش ۋە بېرىكتۈرۈشنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ۋاڭ مېڭشۇ تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ «ھوقۇق مەركەزلەشكەن تۈزۈلمىسى» جۇڭگو تۆمۈريولىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك قوزغاتقۇچ ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئۇ «جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى»غا «مەمۇرىيەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار تۈرلۈك نۇقسانلارنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىن، پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى چۇقۇم ئۆسىدۇ، ھەتتا ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسىدىنمۇ قىممەت بولۇشى مۇمكىن، تۆمۈريول بىخەتەرلىكى مۇقەررەر تەسىرگە ئۇچرايدۇ، يەنە كېلىپ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ سېلىنما سۈرئىتىمۇ ئاستىلاپ كېتىدۇ.»

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}