ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتى بىلەن ئۈرۈمچى «يالۋاچ» سودا چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان 2013 – يىللىق خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 20 – مارت ئۈرۈمچى ئاممىۋى سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىگە ئاپتونوم رايون بويىچە 30 خەتتاتنىڭ 85 پارچە ئەسىرى قاتناشتۇرۇلدى. (ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى؛ خەۋىرى)