باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى

تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىناق قىلىنغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى ئىشلار(1)

2013.03.20 16:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى سىناق نۇقتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇلتۇر 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شاڭخەي شەھىرى باشلامچىلىق بىلەن سىناق قىلغاندىن بۇيان، بىر يىل ئىچىدىلا بۇ سىناق ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇپ، تېزدىن بېيجىڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايونلارنىڭ GDP ئومۇمىي مىقدارى مەملىكەت GDP نىڭ %50 ىنى ئىگىلىگەن.

  ۋۇخەن شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى مالىيە باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋېي خېيىڭ مۇنداق دېدى: «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلغان تۇنجى ئايدا ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى كىرگۈزگەن تۈرنىڭ باج سوممىسى 21 مىليون 740 مىڭ يۈەنگە، سېتىش تۈرىنىڭ باج سوممىسى 15 مىليون 840 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇ ئىككىسى تۇتال بولغاچقا، كارخانىمىزنىڭ ھېچقانداق قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاشقان 5 مىليون 900 مىڭ يۈەن باجنى كېيىنكى باج تاپشۇرغاندا تۇتال قىلىشقا بولىدۇ. گۇرۇھىمىز ھازىر تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يىلدا يېڭى ئاپتوبۇس سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. تىجارەت بېجى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئاپتوبۇس، يېقىلغۇ ماي سېتىۋېلىش، رېمونت ھەققى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سېتىۋېلىنغان تۈرلەرنىڭ بېجى سۈپىتىدە تۇتال قىلىندى. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، شىركىتىمىز كېيىنكى ئۈچ يىلدا، قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرمىسىمۇ، ھەر يىللىق كېمەيگەن باج سوممىسى 50 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن، ئۈچ يىلدا 150 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلىدىكەن، بۇ، كارخانىمىز ئۈچۈن ئاز پۇل ئەمەس.

  ھالبۇكى، ئوخشاشلا قاتناش تىرانسپورت كارخانىسى بولغان ۋۇخەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھى قارىمىقىدىكى يۈك تىرانسپورت شىركىتى بۇلتۇر 12 – ئايدا ئاپتوموبىل سېتىۋالمىغانلىقى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتمىگەنلىكى ئۈچۈن، تۇتال قىلىپ كىرگۈزگەن تۈرلەرنىڭ باج سوممىسى ئاز بولغاچقا، تىجارەت بېجى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىلگەن تۇنجى ئايدىلا يۈك تىرانسپورت شىركىتىنىڭ باج سېلىقى 4 مىليون يۈەن ئېشىپ كەتكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە