خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت ۋاشىنگىتوندىن بەرگەن خەۋىرى، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 19-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى شۇ جاي ۋاقتى 18-چېسلا كەچ سائەت 10 ئەتراپىدا نېۋادا شىتاتىدىكى مەلۇم بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەشىق بازىسىدا ئەمەلىي ئۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا ھادىسە يۈز بېرىپ، مىناميوت ئوقى تۇيۇقسىز پارتلاپ كېتىپ ئەسكەرلەرنىڭ 7سى ئۆلگەن ھەمدە نۇرغۇنلىرى يارىلانغان. (مۇخبىر جاڭ ياڭ)