باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى بەش تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ يەرلىك نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقىت چېكى توشتى

2013.03.21 17:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاينىڭ 1-كۈنى «گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى بەش تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۆي بازىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى، بولۇپمۇ نىمكەش ئۆي سودىسىدا پەرق سوممىسىغا قاراپ %20لىك شەخىسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن جايلارنىڭ نىمكەش ئۆي سودىسىنى بىراقلا قىزىتىپ، «ئاخىرقى ۋاقىت چېكى ئۈنۈمى»نى شەكىللەندۈردى.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چى جى تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئەمەلىيەتتە ئۆي بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشكە دائىر تەپسىلىي قائىدىلەر بۇ بەش تۈرلۈك تەدبىرنىڭ ئىچىدە بار، شۇنداقتىمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ، يەرلىكنىڭ تەپسىلىي قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋاقتى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولسىمۇ، نۆۋەتتە جايلارنىڭ يېڭى بەش تۈرلۈك بەلگىلىمىگە دائىر تەپسىلىي قائىدىسى يەنىلا ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى، يېقىندا توردا بېيجىڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلارنىڭ تەپسىلىي قائىدىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دېگەن خەۋەر تارقالغان، ئەمما بۇ خەۋەر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە