خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت شياڭگاڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى خەلق تورى (شياڭگاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى شياڭگاڭدىكى خەييى جۈنچو مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
خەلق تورى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، باش مۇھەررىرى لياۋ خۇڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى، خەلق تورى شىركىتىنىڭ شياڭگاڭدا تارماق شىركىتى قۇرۇلغانلىقى خەلق تورىنى دۇنياۋىيلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، شۇنداقلا خەلق تورىنى خەلقئارادىكى «كۆپ خىل تىللىق، كۆپ ۋاسىتىلىك، دۇنياۋىيلاشقان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان» ئالدىنقى قاتاردىكى تور بېكىتىگە ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ھالقىسى.
خەلق تورى شىركىتى 1997-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئون چوڭ گېزىتنىڭ بىرى بولغان «خەلق گېزىتى» قۇرغان، ئاخبارات-خەۋەرنى ئاساس قىلغان چوڭ تىپتىكى توردا ئۇچۈر يەتكۈزۈش سۇپىسى، شۇنداقلا خەلقئارا ئالاقە تورىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تور تاراتقۇلىرىنىڭ بىرى. خەلق تورى شىركىتىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا 29 تارماق شىركىتى بار، ئوقۇرمەنلىرى دۇنيادىكى 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارالغان بولۇپ، ھەر كۈنى 15 خىل يېزىقتا 16 سەھىپىدە 24 سائەت دۇنيا خەۋەرلىرىنى بېرىدۇ.