باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا نېمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان چاۋشيەنگە نىسبەتەن ئەڭ يامان چوت سوقۇشى كېرەك(1)

2013.03.18 13:39        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-مارت، چاۋشيەن خەلق قورال-ياراق بۆلۈمى تۇنجى قېتىم ئىسىم ئاتىماي تۇرۇپ كورىيە پىرېزىدېنتى پاكگۇنھېغا ھۇجۇم قىلدى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گېزىتى «ئەمگەك خەۋەرلىرى»دە 14-مارت ماقالە ئېلان قىلىنىپ، يادرولىشىشنى تەشەببۇس قىلغان كورىيە يېڭى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ سابىق باشلىقى چوڭمىڭجۇن قارشىلاشقۇچى ئۇنسۇر دەپ ئەيىبلەندى. چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى يەنە، چاۋشيەندە مەملىكەت بويىچە 1 مىليوندىن ئارتۇق ياش ئوقۇغۇچى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتناشتى، دېدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى 13-مارت چاۋشيەننى ئېغۋاگەرچىلىك قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قوزغايدىغان كۈچى يوق، دېدى. ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنىڭ سابىق قوماندانىمۇ، ئەگەر چاۋشيەن كورىيەگە ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا چاۋشيەن بىلەن جەڭ قىلىدۇ، دېدى.

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى 14-مارت مۇنداق دېدى: چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ باشقا كېلىشىملەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ مەيلى قايسىسى بولسۇن، ئەگەر كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىسا، كېلىشىم ئۆزلۈكىدىن ئىناۋەتسىز بولۇپ كېتىدىغانلىقنى بىلدۈردى. بۇ باياناتچى يەنە مۇنداق دېدى: كورىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ «ھالقىلىق ھۆكۈم» ۋە «قۇرغۇي» ناملىق ھەربىي بىرلەشمە مانېۋىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بولغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت. چاۋشيەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 14-مارتتىكى خەۋىرىدە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىمجۇڭئۇن توپچىلار قىسمىنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەخسۇس يىڭپىڭ ئارىلى ۋە پېكيوڭ ئارىلىدىكى راست ئوق ئېتىش مەشىقىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە مەشىققە يېتەكچىلىك قىلدى، دېيىلدى. كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تەھلىل قىلىپ، كىمجۇڭئۇننىڭ بۇ ھەرىكىتى كورىيەگە بولغان تەھدىتىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى.

  كورىيەنىڭ ئىقتىساد تور بېكىتىدە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن ئاگېنتلىقى 21-فېۋرالدىن باشلاپ كىمجۇڭئۇننىڭ ئارمىيەنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئەھۋالىدىن خەۋەر بەرگەن، لېكىن كورىيەگە كونكرېت نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان ھەربىي مەشىقنى قىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. كورىيەدە چىقىدىغان «شەرقىي ئاسىيا گېزىتى»دە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: كىمجۇڭئۇننىڭ خۇاڭخەي دېڭىزىدىكى ئالدىنقى سەپتىكى توپچى قىسىملارنى ئارقا-ئارقىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى مەزكۇر رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چاۋشيەن %60 دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى كۈچى شۇنداقلا يەردىن پاراخوتقا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە دېڭىز ياقىسى زەمبىرىكىنى بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋەقە يۈز بەرگەندە غەربىي شىمال ئاراللارنى چەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە