باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«15-مارت» ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كۈنى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش تور سۇپىسى ئېچىلدى

2013.03.18 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش تور مۇلازىمەت سۇپىسى شارچىسىنى قوزغاتماقتا
  جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى خەۋىرى. ئۈرۈمچى شەھىرى «15-مارت» خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كۈنىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 15-مارت خۇالىڭ بازىرىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى، پائالىيەت نەق مەيدانىدا شىنجاڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش تور مۇلازىمەت سۇپىسى قوزغىتىلدى.

  ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش تور مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىستېمالچىلار ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ھەرقايسى كەسپىي تارماقلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز - شىكايەت قىلىشىغا قولايلىق بولغان توردا مۇرەسسە قىلىش يېڭى يولى ھازىرلاپ بەردى.

  بۇ تور سۇپىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئىستېمالچىلار مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، ھەرقايسى كەسپىي تارماقلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش تېلېفۇنىغا ياكى ئاسىيا كىندىكى تورى، تەڭرىتاغ تورى ئارقىلىق «ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش تور مۇلازىمەت سۇپىسى»غا ئەرز قىلسا بولىدۇ.

  پائالىيەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى كەڭ ئىستېمالچىلارغا قانۇن - تۈزۈمدىن مەسلىھەت بېرىپ، 100دىن ئارتۇق راست - يالغان، ناچار مەھسۇلاتلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى چۈشەندۈردى، ئەرز- شىكايەتلەرنى نەق مەيداندا قوبۇل قىلىپ مۇرەسسە قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۈپەت - تېخنىكا، سەھىيە، يېمەكلىك، دورا نازارات قىلىپ باشقۇرۇش، ئەرزىيەت، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى جەمئىيىتى، ئائىلە مۇلازىمەت جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ۋەكىللىرى مەخسۇس قانۇننى تەشۋىق قىلىش، مەسلىمەت بېرىش ئورنى تەسىس قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئىستېمالچىلاردىن كەلگەن ئەرز - شىكايەت جەمئىي 13 مىڭ پارچە بولۇپ، بىجىرلىش نىسبىتى 100% بولغان، ئىستېمالچىلارنىڭ 17 مىليون 940 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىيىنى قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

ئەرز- شىكايەتلەرنى نەق مەيداندا قوبۇل قىلىپ مۇرەسسە قىلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە