شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆسمۈرلەر قانىلى ئۇيۇشتۇرغان <<قامەت، تالانت سەھنىسى>> ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدا كۆپ قېتىم ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن مەھلىيا ياقۇپ بۇ يىل يازلىق تەتىلدە 2012-يىللىق <<رەڭدار قۇياش>> ئوماقلارغا كۆيۈنۈش مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيەدە ماھارەت كۆرسىتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا، ئۆسمۈرلەر ئۇسسۇل تۈرىدە <<ئالتۇن مېدال>> غا ئېرىشىپ، شىنجاڭ ھەرمىللەت ئۆسمۈرلىرىگە شان-شەرەپ كەلتۈردى ۋە باھالاش كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن كورىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ كۆلەملىك ئۇسسۇل كۆرىكىگە تاللاندى.
مەھلىيا ياقۇپ 2-ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭدىن تاللانغان ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، چاۋشيەنزۇ قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق ئۆسمۈرگە يېتەكچى بولۇپ، كورىيەگە بېرىپ ئالتە كۈنلۈك ئويۇن قويۇش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە زىيارەتتە بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتى. ئۇ 18-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ كۆلەملىك سەنئەت مەرىكىسىدە، ئۈرۈمچى <<كىچىك چولپان>> ئۇسسۇل تەربىيلەش مەركىزىنىڭ رېژىسسورى ئەنۋەر نۇر تەييارلىغان << مېنىڭ سۇمبۇل چېچىم >> دېگەن ئۇيغۇر پۇرىقىغا كۈچلۈك ئاككورتلاشتۇرۇلغان مۇزىكىغا ئۇسسۇل ئويناپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، شۇنداقلا چەتئەللىك ئۆسمۈر ماھىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىدى. كورىيەلىك دوستلار ھاياجانلانغان ھالدا :-بىز بۈگۈن ھەقىقىي ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرگەندەك بولدۇق، سىلەرگە رەھمەت،-دېدى. چۈنچۈەن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئۆز ئىمزاسى بىلەن مەھلىيا ياقۇپقا <<جۇڭگو، كورىيە ياش ئۆسمۈرلىرى دوستلىقىنىڭ كىچىك ئەلچىسى>> دەپ نام بەردى.