باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئافغانىستان بىلەن باغرام تۈرمىسى مەسىلىسىدە تېزدىن كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2013.03.18 10:10        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 16-مارت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھاگىل بىلەن ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزائى شۇ كۈنى تېلېفونلىشىپ، باغرام تۈرمىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۆتكۈزۈۋېلىش مەسىلىسىدە تېزدىن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  باغرام تۈرمىسى كابۇلنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ باغرام ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا يېقىن، ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، بۇ تۈرمىنى ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا ئارمىيەسى كونتىرول قىلىپ، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كۆپلىگەن خادىملىرى ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ گۇمانلىق كىشىلىرىنى قاماپ قويغان، 2012-يىلى 2-ئايدا، بۇ تۈرمىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرئانى كەرىمنى كۆيدۈرۈشتەك سەتچىلىكى مۇھىم نۇقتىغا ئايلانغان. ئۇندىن كېيىن، ئافغانىستان جامائەتچىلىكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تۈرمىنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكۈزۋالماسلىقىنى ئافغانىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش قىلماسلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قاراپ كەلدى. بىراق، بۇ تۈرمىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزىۋېلىش ئىزچىل تۈردە ئارقىغا سۈرۈپ كەلدى.

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تۈرمىگە قاماپ قويۇلغان بىر قىسىم مەھبۇسلار ئىنتايىن خەتەرلىك بولغانلىقتىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. كارزائى مۇنداق دېدى: تۈرمىنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كىيىن، بارلىق بىگۇناھ مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلىدۇ. (تەرجىمان: ئىلھام مامۇت)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە