باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تارقاتتى

2013.03.18 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن 18-مارت باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تولۇق تېكىستى بىلەن تارقاتتى. 17-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى ھەمدە تەستىقلاندى.

  دوكلات جەمئىي مۇنداق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈندى: 1-، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەش، 2-، بۇ يىللىق ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىي ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان ۋە ماكرولۇق ئىقتىسادى سىياسەت. 3-، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تەكلىپ.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىللىق ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئاھالىلارنىڭ ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى %3.5 ئەتراپىدا بولۇش؛ شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى 9 مىليوندىن ئاشۇرۇش، شەھەر-بازارلاردا تىزىملاتقان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.6تىن تۆۋەن بولۇش؛ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆسۈشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ماس قەدەمدە بولۇش، ئەمگەك ھەققىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشى ماس قەدەمدە بولۇش؛ خەلقئارا كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى يەنىمۇ ياخشىلاش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}