- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىران ئۆزى ياسىغان قوغلىغۇچى پاراخوتنى سۇغا چۈشۈردى
2013.03.18 16:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران پرېزدېنتى ئەخمەد نىجات 17-مارت، ئىران ئۆزى ياسىغان جامالەن ئىككى ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتنى شۇ كۈنى كاسپىي دېڭىزىنىڭ ئىنىزلى پورتىدا سۇغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئەخمەد نىجات مۇنداق دېدى: جامالەن ئىككى ناملىق پاراخوت كاسپىي دېڭىزى ئىران تەۋەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. بۇ پاراخوتنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارى 1420 توننا بولۇپ، 20 مىڭ ئات كۈچىگە ئىگە ماتور ئورنىتىلدى. زەمبىرەك،تورپېدا،باشقۇرۇلىدىغان بومبا،تىك ئۇچار ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىسى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ.
ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،جامالەن ئىككى ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوت تەڭشەش سىنىقى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن،ئالتە ئاي ئىچىدە ئىران دېڭىز ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن. 2010-يىلى ئىران ئۆزى مۇستەقىل ئىشلەپچىقارغان تۇنجى جامالەن ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتنى ئىران دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرغان ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە