باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇ يىل ئىككى يىغىندا قارالمىلارنىڭ دائىرىسى كەڭ، مۇھىم نۇقتا كۆپ بولۇۋاتىدۇ

2013.03.13 08:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ▲ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى تور بېكىتىدە 1-مارت مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى «ئىككى يىغىندا كادىرلار ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە خىيانەتچىلىككە ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

  ▲ياپونىيە «يۇمىئورى خەۋەرلىرى گېزىتى» دە مۇنداق دېيىلدى: بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى قاتارلىق مۇھىت مەسىلىلىرى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ مۇھىم قارالمىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شى جىنپىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىدە دائىم ئىقتىسادنىڭ ئېشىشقا ئېتىبار بېرىش فاڭجېنى ئۆزگەرتىلىپ، مۇھىتقا ئەھمىيەت بېرىدىغان «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك» قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ يېڭى تۈزۈلمىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى ئۈچۈن بىر خىرىس.

  ▲گېرمانىيە «دەۋر» ھەپتىلىك خەۋەر گېزىتى تور بېكىتىنىڭ 1-مارتتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگودا كۆپ سانلىق دېھقاننىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى شەھەر ئاھالىسىنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن. شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش بازارلىشىشتىكى بىردىنبىر يول. جۇڭگو رەھبىرى تۇنجى قەدەمدە 260 مىليون دېھقاننى شەھەر ئاھالىسىگە ئۆزگەرتىشكە ۋەدە بەردى. بۇ دېھقانلار ئاساسەن دېھقان ئىشلەمچىلەر بولۇپ، شەھەردە ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ نوپۇسى يېزا نوپۇسىدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە