باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىللەر سەمىمىيلىكنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك دېدى

2013.03.13 08:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ۋەكىللەر سەمىمىيلىكنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك دەپ بەس-بەستە تەكلىپ بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جېجياڭ ئۆلكىسى جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى لەن لىڭلى مۇنداق دەپ قارىدى: ھۆكۈمەت سەمىمىي بولۇشقا تېرىشىپ كەلدى، لېكىن بەزىدە ۋەدىسىگە تولۇق ۋاپا قىلالماسلىق ئەھۋالىمۇ بولۇپ قالىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يې فېيفەن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت بىلەن ئەمەلدارلار باشلامچىلىق قىلىپ ياخشى ئۈلگە بولۇپ، پۈتكۈل سەمىمىيەت سىستېمىسىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساختا، ناچار يېمەكلىك، دورا ياساش، سېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر كەينى-كەينىدىن پەيدا بولدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چېن يۈنلوڭ سودىدىكى سەمىمىيلىكمۇ يۈكسەك دىققىتىمىزنى قوزغىشى كېرەك دېدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ تىڭگې مۇنداق دېدى: خەلق ئارىسىدا «بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم» دېگەن تەمسىل بار، سەمىمىيەت قۇرۇلۇشى بىر قەدەر ياخشى بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر سەمىمىيلىك تەربىيەسىنى بالىلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا چىڭ تۇتىدۇ. ۋەكىل يې فېيفەن بۇنى قۇۋۋەتلەپ، بالىلىرىمىزدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنى كىچىكىدىنلا سەمىمىي ئادەم قىلىپ تەربىيەلىشىمىز كېرەك دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}