باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش يولى

2013.03.13 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت زىمى دۇنيادىكى ئائىللەر ئىچىدە بىر كىچىك ئائىلە ھېسابلىنىدىغان بولۇپ ئاران 14 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زىمىنى بار، نوپۇسىمۇ بەش مىليۇنغا يەتمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلار ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇرۇش قىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيىسىدىلا 178 مىڭ ئادەم بار بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە نەچچە تۈمەن زاپاس ئەسكەلىرى بار. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆز ئارا چىگىشىپ كەتكەن ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى ئوتتۇرا شەرىق ئىسرائىلىيەدىن ئىبارە بۇ «ھەربىي ئىشلار كۈچلۈك دۆلىتى»نى بارلىققا كەلتۈردى ھەم ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلار سانائىتى ۋە ھەربىي بۇيۇملار سودىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە ھەربىي ئىشلار سانائىتى ئىسرائىلىيە خەلق ئىگىلىكىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندى. ئىسرائىلىيە بانكىسىنىڭ باشلىقى موشى ماندېرپام ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: تاشقى قەرىز ۋە پۇل پاخاللىقى ئېغىرلىشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا پەقەت بىر ئامىللا ئىسرائىلىيەنى ۋەيران بولۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئېكسپورت قىلىپ ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ دۇنيا ھەربىي ئىشلار سودا بازىرىدىكى پايدىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولماقتا.

  ئۇرۇش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىشلار سانائىتى 50-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلانغان، ئەينى ۋاقىتتا پەقەتلا يېنىك تىپتىكى قىسمەن قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە بىر قىسىم قوراللارنى قۇراشتۇرىدىغان ۋە رېمۇنت قىلاتتى. 1967-يىلى داۇلىق بەشىنچى ئىيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن غايەت زور ھەربىي بۇيۇملار ئېھتىياجى ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىشلار كارخانىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، ئىسرائىلىيە نىسپەتەن مۇكەممەل بولغان ھەربىي سانائەت پەن-تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈردى، مەملىكەت مىقياسىدىكى قورال ئۈسكۈنلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى 250 دىن ئاشتى.

  ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىشلار سانائەت شىركىتى، ئىسرائىلىيە قورال تەرەققىيات باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئىسرائىلىيە ئايروپىلان سانائىتى شىركىتى، لافار شىركىتى، ئىسرائىلىيە كېمە زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن قۇرۇلدى ۋە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. ھەر خىل ئايروپىلان، تانكا، پاراخۇت، ئالاقە ئۈسكۈنلىرى قاتارلىق ھەربىي ئىشلار مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ سانى 80 مىڭغا يېقىنلاشتى.

  ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار سانائىتى دۆلەت ئىگىلىكى(80 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ)، خۇسۇسى ئىگىلىك ۋە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مەبلىغىدىكى كارخانىلاردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇلارنى ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئورتاق باشقۇرىدۇ.

  ئىسرائىلىيەدىكى داڭلىق ھەربىي سانائەت پەن-تەتقىقات ئاپپاراتىدىن ئون نەچچىسى بار، مەسلەن: رولافار قورال تەرەققىيات ئىدارىسى، خايفا تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتى، قورال تەتقىقات مەركىزى، ئالەم بوشلۇقى ئىلمىي جەمئىيىتى، ۋېسمو تەتقىقات ئاكادىمىيىسى قاتارلىقلار بار.

  ئىسرائىلىيەدىكى قورال ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن تەخمىنەن 150 ى بار بولۇپ، داڭلىقلىرىدىن ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىشلار سانائەت شىركىتى، سۇرتام چەكلىك شىركىتى، مىكاۋىم شىركىتى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەربىي ئىشلار سانائەت شىركىتى ئىسرائىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي ئىشلار سانائەت شىركىتى بولۇپ، قارمىقىدا قورال، ئوق-دورا، خېمىيىلىك ماددا، راكىتا سېستېمىسى قاتارلىق توققۇز شىركەت ۋە بىر تەتقىقات يۇرتى بار، بۇ يەرلەردە جەمئىي 15 مىڭ خادىم ئىشلەيدۇ.

  ھەربىي ئىشلار ئالەم سانائىتىدە نەچچە ئون شىركەت بار بولۇپ، بۇ شىركەتلەر، ئۇرۇش ئايروپىلانى، رازۋېتكا ئايروپىلانى، تىرانسىپورت ئايروپىلانى، تىك ئۇچار ئايروپىلان قاتارلىق تۈرلۈك ھەربىي ئىشلار ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە