- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 400 پارچىدەك تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى
2013.03.13 08:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ سۇنۇشى 11-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12 دە ئاخىرلاشتى. بۇنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى بېكىتكەن. مۇخبىرنىڭ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، تەكلىپ بېرىش مۇددىتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر جەمئىي 400 پارچە ئەتراپىدە تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، سۇنۇلغان تەكلىپ سانى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئەڭ ئاز بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن سۈپىتى بىر قەدەر يۇقىرىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تەكلىپلەرنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە 30 دىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىشىپ سۇنغان. تەكلىپلەرنىڭ كونكرېت سانى جەھەتتە، 13-مارت يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ماقۇللىغان ئالاقىدار دوكلاتتىكى سان ئاساس قىلىنىدىكەن.
دەسلەپكى قەدەمدىكى ئۇنىۋېرسال تەھلىل نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ يىل سۇنۇلغان تەكلىپلەردە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتى زىچ چۆرىدەلگەن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ جەمئىيەت بىلەن تەڭپۇڭ، ماس قەدەمدە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق تەرەپلەرگە مەركەزلەشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 1983-يىلدىن بۇيان، ۋەكىللەر سۇنغان تەكلىپلەر ئەڭ كۆپ بولغىنى 2004-يىلى ئېچىلغان 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدىكىسى بولۇپ، جەمئىي 1374 تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىنغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ لايىھەلىرى ۋە تەكلىپلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە بېجىرىلىشى جەھەتتە سۈپەتكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن، تەكلىپ لايىھەسى سانى بارغانسېرى ئازلىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
${KEYWORD}