باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى ئۈزمەيدۇ(1)

2013.03.13 08:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك خاگېر 8-مارتتىن 11-مارقىچە ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولدى، بۇ خاگېرنىڭ 27-فېۋرال دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى، لېكىن ئۇنىڭ زىيارىتى ئانچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزائى ئامېرىكا بىلەن تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ مەخپىي مۇناسىۋىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

  ئافغانىستاندا چىقىدىغان «كۈندىلىك نەزەر گېزىتى»دە 11-مارت ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: كارزائىنىڭ 10-مارت قىلغان سۆزى ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان ئارىسىدا سىياسىي ئىشەنچنىڭ كامچىلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا بىلەن تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ مەخپىي مۇناسىۋىتىنى، ئۇلارنىڭ بىرلىشىپ ئافغانىستان خەلقىنى قورقاتقانلىقىنى ھەمدە ھۇجۇم ئارقىلىق، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

  پاكىستان ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى ئامېرىكا-ئافغانىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ناگا مۇنداق دېدى: كارزائىنىڭ ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى زىيارەتكە بارغاندا ئامېرىكىنى ئەيىبلىشى ئامېرىكىغا ئۆزىنىڭ قورچاق ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، ئۆزىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا بولغان كونتروللۇق ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇش، ھەمدە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكىغا قارشى كۈچلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، 2014-يىلدىكى ئافغانىستان چوڭ سايلىمىغا تەييارلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئانچە ئاقىلانىلىق ئەمەس، چۈنكى ئافغانىستان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، تەلەپ ۋە پىكىرمۇ كۆپ، كارزائىنىڭ بۇ سۆزلىرى كۆپ قىسىم ئافغانىستان ئاممىسىنىڭ يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلالايمايدۇ.

  ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان ئەسلى 10-مارت ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشنى بېكىتكەن ئىدى، بىراق كېيىن بۇنى بېكار قىلدى. ئامېرىكا ئەمەلدارى چۈشەندۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى ئويلاشقاچقا بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى بېكار قىلدۇق، دېدى. لېكىن ئافغانىستان ئەمەلدارى بولسا بۇ سۆزنى ئىنكار قىلدى.

  ئىگىلىنىشچە، خاگېر بىلەن كارزائى يوشۇرۇن سۆھبەتلەشكەن، سۆھبەتتىن كېيىن خاگېر: سۆھبىتىمىز ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، مەن ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ۋە مىللەتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى چۈشىنىمەن، زىيارىتىم ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىچەنچىم بار، دېگەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە