باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

تېخىمۇ چوڭ سىياسىي جاسارىتىمىز بىلەن ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2013.03.12 11:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئەستايىدىل قاراپ چىقتى ۋە قىزغىن مۇنازىرە قىلدى، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي جاسارىتىمىز ۋە ئەقىل پاراسىتىمىز بىلەن ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسىي تۈزۈلمىدىكى يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىنىڭ تەلەپلىرىگە ماس كەلمىگەن جايلارنى ھەل قىلىمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى ھەق تەلەپ قانۇنى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن شيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتى ھەجىمنىڭ زورىيىشى ھوقۇقنىڭ چوڭىيىشى دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ھوقۇقنى چەكلەش، ھوقۇقنى ئۆتۈنۈش، ھوقۇقنى ياخشى ئىشلىتىش دېگەنلىك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەتقىقاتخانىسى كاتىبات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ دىڭلوڭ مۇنداق دېدى: ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئاپپاراتلارنى قىسقارتىش، خادىملارنى قىسقارتىش دەپلا قارىۋالماي، بەلكى فۇنكسىيەسىنى تەڭشەش، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش دەپ قاراش لازىم، ھازىر ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى ئۆزئارا جىپسىلىشىپ كەتكەن، ھوقۇقى مەسئۇلىيىتى ئېنىق ئەمەس، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى گاۋۋېن مۇنداق دېدى: مەمۇرىي سىياسەتلەرنىڭ ھوقۇق چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتمەسىلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى باشقۇرۇشى، بازارنىڭ ئىشىنى بازارغا تايىنىپ ھەل قىلىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شەندوڭ ئۆلكىسى جىنىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى مېي يوڭخوڭ مۇنداق دېدى: تارماقلارنىڭ مەنپەئەتى ئىسلاھاتتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ، چوقۇم بۇنى ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدىن ھەل قىلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جاۋئەن مۇنداق دېدى: مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە بازار رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق، مەسئۇلىيىتى چەكلىك ھۆكۈمەت قۇرۇش لازىم.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پىلان لايىھەسى تەتقىقات يۇرتى ئېنېرگىيە مۇھىت ئاسراش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاۋ لىشىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش نېگىزىدىن ئېيتقاندا نېمىلەرنى باشقۇرۇشنى بىلىۋېلىش دېگەنلىك، ماھىيەتتىن قارىغاندا ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ ئوربىتىسى بارغانسېرى ئېنىق بولدى، پۇقرالار تېخىمۇ ئارامبەخش مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە