- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى ئۈزمەيدۇ(2)
2013.03.13 08:47
خاگېر يەنە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان قوماندانى دەنفورد بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئافغانىستان بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا ياردەم بېرىش قىسمى ۋە ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كارزائى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىنى ئىشقا سېلىش، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىنمۇ ئەسىرلەرنى بىرتەرەپ قىلىدىغان سۆز ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇش قاتارلىق بىر قىسىم سىياسەتلىرىنى ئۇدا ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېلىشىم بۇزۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا 9-مارت ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئافغانىستان باغرام تۈرمىسىنىڭ كونتروللۇق ھوقۇقىنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىنىمۇ بېكار قىلغان.
ئافغانىستاننىڭ بىر ئەمەلدارى 11-مارت مۇنداق دېدى: ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ فورمىسىنى كىيىۋالغان قوراللىقلار ۋارداك ئۆلكىسىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قوزغىدى، ۋەقەدە 2 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە 3 ئافغانىستان ئەسكىرى قازا قىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.
تەھلىللەردە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: تالىبان ۋە باشقا بىر قىسىم قوراللىق ئۇنسۇرلار خاگېر زىيارەتتە بولىۋاتقان مەزگىلدە ھۇجۇم قوزغىشىنىڭ ئالاھىدە مەقسىتى بار، بىرىنچىدىن، خاگېرغا ھەيۋە قىلىپ، ئۆزىنىڭ قورال كۈچىنى كۆرسىتىش، ئىككىنچىدىن بولسا تالىباننىڭ ئافغانىستان شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش. تالىباننىڭ باياناتچىسى مۇجاھىد 10-مارت ئامېرىكا بىلەن تالىباننىڭ قاتاردا قايتا سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىشى بۇ خىل پەرەزنى ئىسپاتلىدى.
نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا 66 مىڭ ئەسكىرى بار، 2014-يىلى ئامېرىكا بۇ ساننىنىڭ يېرىمىنى ئازايتىدۇ. تەھللىلەردە ھېسابلىنىشىچە، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ھازىر جەڭگىۋارلىقى، ئۇرۇش ئىرادىسى ئاجىز بولغاچقا، ئەگەر ئامېرىكا ئارمىيەسى بارلىق ئەسكىرىنى چېكىندۈرسە، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىشى ۋە ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ساقلىيالىشى كىشىنى گۇمانلاندۇرىدىكەن.
ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكا ھازىر بىر-بىرىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ناھايىتى زۆرۈر، بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى، ئافغانىستاننى تاشلاپ قويۇشنى خالىمايدۇ، بولمىسا تالىبان ۋە باشقا قوراللىق تەشكىلاتلار بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ مالىمانچىلىق پەيدا قىلىدۇ، بازا تەشكىلاتى قاتارلىق ئەسەبىي كۈچلەرمۇ قايتا باش كۆتۈرۈشى مۇمكىن، بۇنى ئامېرىكا كۆرۈشنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ئارمىيە كۈچىمۇ ئاجىز، كارزائىمۇ ئامېرىكىدىن ئىزچىل تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلدى، شۇڭا، ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان ئارىسىدا ئازراق ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولسىمۇ لېكىن ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ھەمكارلىشىش مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە