باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدۇ(1)

2013.03.13 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ھەم ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار، پەن تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە ھەم ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىش ساھەسىدە ئىپادىلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ مەقسىتى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى قويۇۋېتىش، بازار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئۆزگىرىۋاتقان دۆلەت ئەھۋالىغا ھۆرمەت قىلىش بولۇپ، يەر شارىنىڭ ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىشنى سەرخىللاشتۇرۇش ئېقىمىغا ماس كېلىدۇ.

  پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن بۇيان، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ بەزى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تەپەككۇرىغا ئايلاندى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت، تېخىمۇ ئاشكارا ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئۆزئارا بىرلىشىش، تېخىمۇ ئەۋزەل مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىش ھەققىدە ئالاقىدار دۆلەتلەر ئىسلاھات لايىھەلىرىنى تۈزۈشكە باشلىدى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلەشتى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2011- يىلى سودا تارماقلىرىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، ئىسلاھات لايىھەسىگە ئاساسەن ئوباما ھۆكۈمىتى سودىغا مەسئۇل ئالتە تارماقنى بىرلەشتۈرۈپ بىر يېڭى ئاپپارات قىلىپ قۇرۇپ، كارخانىلارغا بىرتۇتاش مۇلازىمەت قىلىشنى پىلانلىدى.

  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 2010-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدا ئىككى قېتىم يېڭىلىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئەنگلىيە كابېنتىدىكى سودا، مائارىپ، مەدەنىيەت، مۇھىت، سەھىيە، ئەدلىيە قاتارلىق ھەرقايسى تارماقلار يولغا قويۇش تەپسىلاتىنى چىقاردى، ھەرقايسى تارماقلار باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشانلارنى تۈزۈپ ئىشلارنى ئاشكارا بېجىرىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە