باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىندا تەكلىپ بەردى

2013.03.12 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-مارت سائەت 12:00دە 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا تەكلىپ لايىھەلىرىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى ئاياقلاشتى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ يىغىنغا بىر تەكلىپ لايىھەسى ۋە 200 تەكلىپ ـ پىكىر بەردى.

  بېرىلگەن بىر تەكلىپ لايىھەسى شىنجاڭ يېڭى ئىنىرگىيە گۇروھى چەكلىك شىركىتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، باش دېرىكتورى ۋۇ گاڭ باشچىلىقىدىكى 31 نەپەر ۋەكىل بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانىلارنىڭ دۆلەتلىك مۈلۈك قانۇنى»غا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 185 پىكىر ـ تەكلىپ ۋە تەنقىد تاپشۇرغان بولۇپ، بۇلار شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلغان، بۇلار بايلىق ئېچىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئىشلار قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يىغىنغا پىكىر ـ تەكلىپ، تەنقىدلىرىنى تاپشۇرۇش 15-مارت سائەت 12:00دە ئاياقلىشىدۇ، ۋەكىللەر داۋاملىق تۈردە پىكىر -تەكلىپ، تەنقىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}