- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭنىڭ 2-ئايلىق ئۆي ئىجارىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ℅9.4 ئۆستى
2013.03.12 15:37 مەنبە: خەلق تورى
بېيجىڭنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايلىق مال باھا كۆرسەتكۈچىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ℅3.9 ئۆستى. چاغان، يېمەك-ئىچمەك، ئۆي ئىجارىسى قاتارلىق ئامىللار ئالدىنقى ئىككى ئايلىق مال باھا كۆرسەتكۈچىنى ئۆرلىتۋەتتى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 2-ئايدا يېمەك-ئىچمەك باھاسى ℅ 6.4، ئۆي ئىجارە ھەققى ℅9.4 ئۆستى.
تۈنۈگۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ۋە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بېيجىڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى، بۇ يىل 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، بېيجىڭنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ℅3.9 ئۆسكەن. چاغان ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 2-ئايلىق مال باھا كۆرسەتكۈچى زور نىسبەتتە ئۆرلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ℅4.6 ئۆسكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي ئىجارە ھەققى ℅9.4، يېمەك-ئىچمەك باھاسى ℅ 6.4 ئۆسكەن بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى تۈر ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيدا، بېيجىڭدا سېتىلغان ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى 1 مىليون 679 مىڭ كۋادىرات مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان. ئىش باشلانغان سىياسەت خاراكتېرلىك ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى 804 مىڭ كۋادىرات مېتىرغا يېتىپ، 6.7 ھەسسە ئۆسكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە