باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاتۇشتا 5.2 بال يەر تەۋرەپ، 500 ئوقۇغۇچى بىخەتەر جايغا يۆتكەلدى

2013.03.12 15:31         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن (11-مارت) يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن ئاتۇش شەھىرىدىن كەلگەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، 11-مارت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى (شىمالىي كەڭلىك 40.2 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.5 گىرادۇس) دە 5.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە بەزى ئۆيلەرنىڭ تاملىرى يېرىلىپ كەتكەن، تەۋرەش مەنبەسىگە ئەڭ يېقىن بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككى قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىمۇ يېرىلىپ كەتكەن. نۆۋەتتە، بۇ مەكتەپتىكى 500 گە يېقىن ئوقۇغۇچى بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەن. بەختكە يارىشا، بىرمۇ ئوقۇغۇچى يارىلانمىغان.

  ئىگىلىنىشىچە، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى سەككىز كىلومېتىر بولۇپ، ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ تاملىرى يېرىلىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريول لىنىيەسىدىكى ئۈچ پويىز يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە يۈرۈشتىن توختىتىلغان.

  نۆۋەتتە، يەر تەۋرەشتە ئادەم يارىلانغانلىق توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

  ئاتۇش شەھىرى شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزىي شەھىرى، ئۇ ئۈرۈمچىدىن 1500 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، قاراجول يېزىسى ئاتۇش شەھىرىدىن 80 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە