باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ش ئۇ ئا ر دىكى ھەر دەرىجىلىك سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىستىمالچىلارنى 95 مىليون يۈەندىن كۆپرەك زىياندىن ساقلاپ قالدى

2013.03.12 13:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 15 – مارت ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇلتۇر ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن ئاممىنى خەۋەرلەندۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى «ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» مۇلازىمەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «12315» ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش تورىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇلتۇر ئۇلار ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىنغان ھەر خىل دېلودىن 6889نى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى 95 مىليون 548 مىڭ 900 يۈەن زىياندىن ساقلاپ قالغان.

  شىنجاڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى «12315» قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياقۇپ ھاجى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ئىستېمالچىلار جەمئىيەتلىرى بۇلتۇر ئىستېمال ساھەلىرىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، شەھەر – بازارلارنىڭ ئىستېمال بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى، ساختا، سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنى ياساپ سېتىش، سودا ئالدامچىلىقى، ساھە مونوپوللۇقى قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە