باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيەدىكى مۇساپىرلار كرزىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا(1)

2013.03.13 08:44        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيەدىكى ئۇرۇش ئوتى بارغانسېرى كۈچىيىپ، مۇساپىرلار كرىزىسى تېزدىن ئەۋج ئېلىپ كەتتى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى گۇترىس 10-مارت تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناۋادا سۇرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش تېزدىن ئاخىرلاشمىسا، سۇرىيەدىكى مۇساپىرلارنىڭ سانى ھازىرقى ئاساستا بىر ھەسسە ئاشىدۇ. نۆۋەتتە مۇساپىرلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، يىل ئاخىرىغا بارغاندا يەنە بىر-ئىككى ھەسسە كۆپىيىدۇ. ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى قېچىپ بارغان مۇساپىر تەخمىنەن 300 ئادەم كۆپەيدى، بۇ يىل فېۋرالدا ھەر ئايدا قېچىپ بارغان مۇساپىر سەككىز مىڭغا يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى پەرەزدىكىدىنمۇ تېز ئېشىپ كەتتى.

  بۇلار سۇرىيە پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىغا خاتىرجەمسىزلىك ئېلىپ كەلدى، لېكىن رەھىمسىز ئۇرۇش ئوتى ئۇلارنى زىيادە نامراتلاشتۇرۇپ، يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، مۇساپىر بولۇشقا مەجبۇر قىلدى.

  سۇرىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە ئۇلارنىڭ ھالسىرىغان سىماسىى ۋە ئازابلىق ئىپادىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يېقىنقى ئۈچ ئايدا ئىئوردانىيە چېگرىسىدىكى مۇساپىرلار لاگىرىغا كىرگەن سۇرىيەلىك مۇساپىر ئۈچ ھەسسە كۆپەيدى. ئىئوردانىيەنىڭ چۆل باياۋانلىرىدا ۋاقىتلىق تىكىلگەن چېدىرلارغا كۆز يەتكۈسىز. لىۋاندا سۇرىيەلىك مۇساپىرلار كۆپىنچە سۇرىيە چېگرىسىغا يېقىن شىمالىي ۋە شەرقىي بېيكا رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ رايونلار كۆپىنچە تاغلىق رايونلار بولغاچقا مۇھىتى ناھايىتى ناچار. مۇساپىرلار لاگىرىدا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم -كېچەك ئومۇمەن قىس، بۇ يەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە داۋالاش شارائىتى ئىنتايىن ناچار، ئىچىملىك سۇ ۋە توك تەمىناتى دائىم ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، شۇڭا مۇساپىرلارنىڭ ھالى قىيىن.

  بۇ مۇساپىرلار ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار، ئۇرۇش توختىتىش ۋە يۇرت-ماكانىنى قايتىدىن قۇرۇش ئۇلارنىڭ بىردىن بىر ئارزۇسى. لېكىن ئۇلارنىڭ دۆلىتىدىكى ئۇرۇش ئەۋجىگە چىقماقتا، ئۇلارغا يۇرتلىرىغا قايتىش قاچانمۇ نېسىپ بولار؟
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە