خەلق تورىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك 1- يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى خەلق سارىيىدا ئېلىپ بېرىلىپ، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك 1-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتى دوكلاتىدىكى قارارىنى ماقۇللىدى، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك 1-يىغىنى تەكلىپ-پىكىرلەرنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك 1-يىغىنىدا بېرىلگەن تەكلىپ-پىكىرلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى دوكلاتىنى ماقۇللىدى؛ سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك 1-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارىنى ماقۇللىدى.