باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

2013.03.12 08:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ھيۇستون كامبىرىچ ئېنېرگىيە ھەپتىلىك تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دۇنياغا داڭلىق ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسى دانىئېل يېرگىن 8-مارت: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇپ كۈچى غايەت زور، بۇ خىل ھەمكارلىق كەلگۈسىدە دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىدا ناھايىتى مۇھىم دېدى.

  يېرگىن شۇ كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 21-ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ناھايىتى مۇھىم، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم تەركىبى قىسمى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مۇقىم دۇنيا بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. دۇنيادىكى نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان بۇ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ناھايىتى كۆپ ئورتاق مەنپەئەتى بار، بۇ خىل ئورتاق مەنپەئەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئىقتىسادى ئالاقىسىدىن بولغان.

  ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدىكى چوڭ ئۆزگىرىش 2030-يىلى ئەتراپىدا يۈز بېرىدۇ. شۇ ۋاقىتقىچە، تۆۋەن كاربونلۇق ۋە كاربونسىز ئېنېرگىيەنىڭ سالمىقى ئاشىدۇ، لېكىن دۇنيا ئېنېرگىيىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ھازىرقىدىن بەك پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. 2030-يىلىدىن كېيىن، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ.

  يېتىپ ئالدىدىكى زور ئۆزگىرىشتە، خىرىس ۋە سودا پۇرسىتى تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ. يېرگىن: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، بولۇپمۇ سلانېتس گازى ۋە زىچ ماي قاتارلىق ئادەتتىن تاشقىرى ئېنېرگىيەنى ئېچىش ھەمكارلىقى دەپ قارىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقىنىمىز ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىشلار، مانا بۇ يېڭىلىق يارىتىلغان دۇنياۋىلىشىش، بۇ شىمالىي ئامېرىكىدا يۈز بېرىپلا قالماستىن، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ يۈز بېرىدۇ. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇشى كەلگۈسىدە دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم.

  يېرگىن جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشىگە يۇقىرى باھا بەردى، جۇڭگو كارخانىلىرى بۇندىن كېيىن دۇنيا ئېنېرگىيە ساھەسىدە تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ دەپ ھېسابلىدى . ئۇ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىشى جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە كەسپىگە ياخشى پۇرسەت ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئېنېرگىيە سەھنىسىدە تېخىمۇ زور رولى ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ئامېرىكا كامبىرىچ ئېنېرگىيە مەسلىھەت بېرىش شىركىتى تەشكىللىگەن ھيۇستون كامبىرىچ ئېنېرگىيە ھەپتىلىك مۇھاكىمە يىغىنى يىلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېنېرگىيە كەسپى ساھەسىدىكى بىر كاتتا يىغىن بولۇپ، ئېنېرگىيە كەسپىدىكى داۋۇس دەپ ئاتالغان. بۇ يىلقىسى 32-قېتىملىقى بولۇپ، 4-مارتتىن 8-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن دۇنيادىكى 50دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2200دىن ئارتۇق ئېنېرگىيە ۋە پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسى ھەمدە سىياسىي ساھەدىكى ئەرباب يىغىنغا قاتناشتى. «ئۆزگىرىشنى قوزغىغۇچى ئامىل: رايون سىياسىيسى، بازار ۋە ئېنېرگىيەنىڭ يېڭى زېمىنى» بۇ يىللىق يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە