- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاپپارات ئىسلاھاتى باشلانماقچى(1)
2013.03.12 09:54
10-مارت ئاشكارىلانغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسىگە قارىغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاپپارات ئىسلاھاتى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنى تەشكىل قىلغۇچى تارماق 25كە ئازايغان.
بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پايدىلىق شارائىتى تولۇق ئىشقا سېلىنىپ، بەزى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاپپاراتلارنى تەڭشەش قەتئىي ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات دۇچكېلىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە خېيىم-خەتەر، خىرىسلار تولۇق نەزەردە تۇتۇلۇپ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن نىسبىي مۇقىملىقى ساقلاپ قېلىنىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان، جەمئىيەت يۈكسەك دىققەت قىلىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر فۇنكسىيەسىنى تەڭشەش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ ياكى ۋاقتىدا زۆرۈر تەڭشەشلەر ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش ۋە مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭ تارماق تۈزىمى ئىسلاھاتىنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىش، تۆمۈر يول كەسپىدە ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت، يىمەكلىك-دورا، ئاخبارات نەشرىيات ۋە رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە، دېڭىز-ئوكيان، ئېنېرگىيە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى بىرىكتۈرۈپ كۈچەيتىش. كونكىرېت مەزمۇنى مۇنداق:
__ تۆمۈر يول كەسپىدە ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش يولغا قويۇلىدۇ. تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ تۆمۈر يول تەرەققىيات پىلانى ۋە سىياسەتلىرىنى تۈزۈش مەمۇرىي فۇنكسىيەسى قاتناش-ترانسپورت مىنىستىرلىقىغا قوشۇۋېتىلىپ، دۆلەتلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ، قاتناش-ترانسپورت مىنىسىتىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ باشقا مەمۇرىي فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتى قۇرۇلۇپ، تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ كارخانا فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.
__ دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قۇرۇلىدۇ. دۆلەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ نوپۇس تەرەققىيات ستراتېگىيەسى، پىلانلىرى ۋە نوپۇس سىياسەتلىرىنى تۈزۈش فۇنكسىيەسى دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا قوشۇۋېتىلىدۇ؛ دۆلەتلىك جۇڭگو تىبابەت دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ؛ سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە