باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ فېڭ «گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى» ئۈستىدە توختالدى

2013.03.13 08:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئاخبارات مەركىزى تۈنۈگۈن مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەركەز ئاپپارات شىتاتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ فېڭ «گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى»گە ئالاقىدار ئىشلار ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپچىلىك بۇنى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، تارماقلارنى بىرىكتۈرۈش، دەپ چۈشىنەتتى. بۇ بىر خاتا تونۇش. ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلارغا سېلىشتۇرغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ تېمىسىغا «فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش» دېگەن سۆز قوشۇلۇپ، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنىڭ بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم ۋە يارقىن نۇقتا ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  ۋاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياسىماي، پەقەت ئاپپاراتنى تەڭشىگەندە، ئىسلاھاتتا كۈتكەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى بەك كۆپ، بەك ئىنچىكە بولۇش مەسىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈچەيتىشكە تېگىشلىك فۇنكسىيەلەرنى ھەقىقىي كۈچەيتكەندىلا، ھۆكۈمەت ئاندىن فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئادا قىلالايدۇ.

  ۋاڭ فېڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى خەلق تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: ئىسلاھ قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىدۇ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، جەمئىيەت، پۇقرالار ئارىسىدىكى ھوقۇق دائىرە مۇناسىۋىتىنى توغرا ئايرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

  ۋاڭ فېڭ: «مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش» دېگەن سۆز بىلەن بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى سۈرەتلەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان 6 ساھەدىكى ئىسلاھاتنىڭ كۆپ قىسمى كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ھەل قىلىنماي كەلگەن مەسىلىلەر. چوڭ ئورگانلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مۇقىم قەدەم بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتتا، كۆپ يىللاردىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان تۆمۈر يول مونوپوللۇقى بۇزۇپ تاشلىنىپ، تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرىي بىلەن كارخانىنى ئايرىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۆمۈر يول ھەقىقىي تۈردە بازارغا يۈزلەندۈرىلىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتتىن كېيىن، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇكى، بوشاشتۇرۇلمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}