باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللىرى بايلىق بېجى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى

2013.03.12 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دېرىكتور جۇۋ شىنيۈەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىلگىرى، دۆلەت بايلىق باج نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۈردە ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بايلىقى مول بۇ رايوننى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتۈرسە» دەپ تەكلىپ بەردى .

  شىنجاڭ يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا، شىنجاڭنىڭ بايلىق بېجى جەمئىي 6 مىليارد 899 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ، 2011-يىلدىكى 6 مىليارد 468 مىليۇن يۈەن بىلەن سېلىشتۇرغاندا 430 مىليۇن يۈەن ئاشقان. بىراق، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ سان بايلىق بېجى ئىسلاھاتىدىن بۇرۇنقى 2009-يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 5 مىليارد يۈەن ئوشۇق يىغىلغان.

  5 مىليارد يۈەن بۇ زادى قانداق ئۇقۇم؟ بۇ سان ئۈرۈمچىنىڭ 2012-يىللىق مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ سېلىنمىسىغا تەڭ كېلىدۇ، شۇنداقلا 2013-يىللىق ئۈرۈمچىدىكى كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىپ سېلىشقا ئاجرىتىلغان مەبلەغ بىلەن تەڭ كېلىدۇ، شۇنداقلا 2009-يىلىدىكى شىنجاڭنىڭ پۈتۈن قاتناش ساھەسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىغا تەڭ كېلىدۇ. جۇۋ شىنيۈەن مۇنداق دېدى: بايلىق بېجى ئىسلاھاتى ھەقىقەتەنمۇ شىنجاڭ مالىيەسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ، بىراق نۆۋەتتە بايلىق بېجى نىسبىتى شىنجاڭدەك بايلىقى مول رايونغا ماس كەلمەيدۇ.

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئىلگىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن، شىنجاڭدا %1كىمۇ يەتمەيدىغان بايلىق بېجى ئۇدا 17 يىل ئېلىندى،ئىنتايىن تۆۋەن بايلىق بېجى بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە يەرلىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز، بايلىق بېجى ئىسلاھاتىدىن كېيىن باج نىسبىتى %5 كە ئۆستۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ باج نىسبىتىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}