باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

كېيىنكى بىر نەچچە قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلاردا جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى رەھبەرلىرى ۋۇجۇدقا چىقىدۇ (1)

2013.03.12 09:50        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ سايلام ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش چارىسى ماقۇللاندى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى رەھبەرلىرى ھۇجۇدقا چىقىدۇ.

  سايلام ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش چارىسى بويىچە، سايلام ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئايرىم ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى 3 قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا ئېلىپ بېرىلىدۇ:

  14-مارت، 4-ئومۇمىي يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقىلىرى، باش كاتىپى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى؛ دۆلەت رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى سايلىنىدۇ.

  15-مارت، 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش مىنىستىر نامزاتى؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىرى نامزاتى ۋە ئەزالىرى نامزاتى بېكىتىلىدۇ؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى سايلىنىدۇ.

  16-مارت، 6-ئومۇمىي يىغىنىدا، مۇئاۋىن باش مىنىستىرلار، دۆلەت كومىسسارىلىرى، ھەر قايسى مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، باش كاتىپ نامزاتلىرى بېكىتىلىدۇ.

  سايلام ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش چارىسىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەل قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقىلىرى، باش كاتىپى، ئەزالىرى، دۆلەت رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نامزاتىنى ھەيئەت رىياسىتى كۆرسىتىدۇ، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى مەسلىھەتلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ھەيئەت رىياسىتى كۆپ قىسىم ۋەكىللەرنىڭ پىكىرى بويىچە رەسمىي نامزاتلار تىزىملىكىنى بېكىتىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە