باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى›› دىكى 88 خىل كىتاب يېقىندا نەشردىن چىقىدۇ

2013.03.12 15:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېھرىگۈل تۇردى خەۋىرى: ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى›› دىكى كىتابلارنى تۈزۈش، نەشر قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى›› تەھرىر ھەيئىتى كومىتېتى 27 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى›› نى قۇرۇش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى›› نى قۇرۇش خىزمىتى بۇلتۇر باشلانغان بولۇپ، پىلان بويىچە سەككىز يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، شىبە قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردە يېزىلغان پەلسەپە، جەمئىيەتشۇناسلىق، تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت، پەن – تېخنىكا قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى قەدىمكى ئەسەرلىرى رەتلىنىپ نەشر قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئالتە مىللەتنىڭ 88 خىل ئەسىرى نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.

  ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى›› تەھرىر ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت قادىر بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: بۇ شىنجاڭ تارىخىدىكى كۆلىمى زور قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. بىز شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەرنى قېزىش، توپلاش جەريانىدا نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى بايقىدۇق. بىز سەككىز يىلدىن ئون يىلغىچە بۇنداق ئەسەردىن 1000 خىلنى نەشر قىلىشنى پىلانلىدۇق، بۇنىڭ %40ىنى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى كىتابلار ئىگىلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە