باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىيغا ئىشتىراك قىلىش شەكلى كۆپ مەنبەلىك بولدى

2013.03.13 08:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  توردا ئەلدىن تەدبىر سوراش سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى يېڭى شەكىللىرىنىڭ بىرى. بۇ نۆۋەتلىك شىنجاڭلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدە كۆپ ساندىكى ئەزالار توردا ئەھۋال ئىگىلىدى. «شىنجاڭ خۇ جىبىن» مىكرو بىلوگى ئەزا خۇ جىبىننىڭ ئەل رايىنى ئىگىلەش، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى توپلاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولۇپ قالدى؛ ئەزا نيۇ رۇجىنىڭ مىكرو بىلوگى ئۇنىڭ خەلق رايىنى ئىگىلەش يولىنى كېڭەيتىش، ئەلنىڭ ھال – ئەھۋال سوراشتىكى ۋاسىتىسىگە ئايلاندى.

  ئەزا بۇھەجەر ئابلا بېيجىڭغا كېلىپلا پىلانى بويىچە ئىچكىرىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە باشلىدى. ئۇ ھەم ئىچكىرىدىكى ئەزالارغا گۈزەل شىنجاڭنى تونۇشتۇرماقچى، ھەم ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. پەرھات ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: پىلانلىرىم كۆپ، ئەمما مۇھىمى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارغا شىنجاڭنى كۆپرەك چۈشەندۈرۈش ۋە تونۇشتۇرۇشنى ئويلايمەن.

  يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەش، ئىچكى ئەھۋاللارنى ئېنىقلاش، خەلق رايىنى بىلىش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكلىپ لايىھەسى يېزىش ۋە يىغىندا سۆزلەش، بىرلىشىپ تەكلىپ لايىھەسىگە ئىمزا قويۇش، ئالاقىنى كۈچەيتىش، توردا ئەلدىن تەدبىر سوراش، ھەتتا تۈر، تېخنىكا كىرگۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئەزالارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ يېڭى شەكلى، يېڭى يولى، يېڭى چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكى، يېڭىلىق ياراتقانلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئاشقانلىقى، بۇرچنى زىممىسىگە ئالغانلىقى، تەلەپچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇۋاتقانلىقىنى روشەن نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}