باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات

(2013-يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان)

2013.03.14 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋاكالەت مۇددىتىنىڭ بىرىنچى يىلى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قۇرۇلتاينىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بويىچە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-، 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى ئاساسىدا خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە ياتىدىغان تەكلىپلەرنى سۇندى. يىغىننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ۋەكىللەر تەكلىپ سۇنىدىغان ئاخىرقى مۇددەت بولغان 3-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۇنغان تەكلىپ 401 پارچە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە قانۇن چىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىكى 393 پارچە، نازارەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىكى 5 پارچە، باشقا ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىكى 3 پارچە؛ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نامى بىلەن سۇنۇلغىنى 7 پارچە، 30دىن ئارتۇق ۋەكىل بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ سۇنۇلغىنى 394 پارچە بولغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە