باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي مايدا تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ

2013.03.13 09:57         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 12-مارت خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە چىڭۋا ئىستانسىسىنىڭ باياناتچىسى يى چاڭجۇڭ 12-مارتتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاينىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ تەكلىپى بىلەن ماينىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ پاك گيۇنخاينىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم چەت ئەللەردە زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن.

  يى چاڭجۇڭ مۇنداق دېگەن: پاك گيۇنخاي زىيارەت قىلىدىغان تۇنجى دۆلەت ئامېرىكا بولۇپ، ئاساسلىقى نۆۋەتتىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى، شۇنداقلا يەنە كورىيە- ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش نەزەردە تۇتۇلغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئاق ساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى Thomas Donilon شۇ يەر ۋاقتى 11-مارت ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ نيۇيوركتا ئېچىلغان يىغىنىدا، ئاق ساراينىڭ پاك گيۇنخاينىڭ مايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، ئوبامانىڭ پاك گيۇنخاي بىلەن دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە