باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا 32 پارچە تەكلىپ سۇندى

2013.03.13 13:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

-مارت چۈشتىن بۇرۇن ، سىم-سىم يامغۇرغا ئەگىشىپ ، 10 كۈن داۋام قىلغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى غەلىبىلىك تاماملىغاندىن كېيىن يېپىلدى . شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالار ‹‹خەلق›› سارىيىدىن چىقماقتا
  تەڭرىتاغ تورى ، بېيجىڭ ، 12-مارت خەۋىرى : 12-مارت چۈشتىن بۇرۇن ، سىم-سىم يامغۇرغا ئەگىشىپ ، 10 كۈن داۋام قىلغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى غەلىبىلىك تاماملىغاندىن كېيىن يېپىلدى .

  يىغىن مەزگىلىدە ، شىنجاڭدىن كەلگەن 32 نەپەر مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ ، ئەقىل ۋە پىلان كۆرسىتىپ ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى . يىغىندا ئۇلار جەمئىي 135 پارچە تەكلىپ سۇنغان بولۇپ ، ھەربىر پارچە تەكلىپكە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرى مۇجەسسەملەنگەن .

  شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تاپشۇرغان ‹‹ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپ ››، ‹‹شىنجاڭنىڭ كۆمۈر-خىمىيە سانائىتىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپ ›› ، ‹‹ بايلىقنى كاپىتاللاشتۇرۇشقا ئاكتىپ تۈرتكە بولۇپ ، بايلىق تۈسىدىكى دۆلەت مۈلكىنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ ››، ‹‹غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش ـــ دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر گۈللىنىشى ـــ ‹جۇڭگو چۈشى›نى رېئالىققا ئايلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ئستراتېگىيەلىك تەدبىر ›› قاتارلىق تەكلىپلەر شىنجاڭ ، ھەتتا مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات ، تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە چېتىلىدىغان بولۇپ ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالارنىڭ ئۈچ چوڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلغانلىقىنىڭ ناماياندىسى .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر