باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى يېپىلدى، يۈ جېڭشىڭ مۇھىم سۆز قىلدى(1)

2013.03.13 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يېپىلىش مۇراسىمىغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. (شىنخۇا ئاگنېتلىقى مۇخبىرى لېي شېڭ فوتوسى)
  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تامماملانغاندىن كېيىن، 12-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى يۈ جىڭشىڭ، مۇئاۋىن رەئىسلىرى دۇ چىڭلىن، لىڭ جىخۇا، خەن چىدې، پابالاگېلالاڭجې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋن گاڭ، لىن ۋىني، لو فۇخې، خې خۇخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفىڭ، سۇ رۇڭ، چېن يۈەن، لۇ جەنگۇڭ، جۇ شياچۈەن، ۋاڭ جيارۇي، ۋاڭ جىڭۋېي، ما بياۋ، چى شۈچۈن، چىن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شيافىڭ، ۋاڭ چىنمىنلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىدىن ئورۇن ئالدى.

  خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق يولداشلار رەئىسلەر سەھنىسىدە ئولتۇردى.

  يېپىلىش مۇراسىمىغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومتېت خىزمەت دوكلاتى ھەققىدىكى قارارى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ تەكلىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر