باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىسلاھاتنى كەينىگە بەك سوزۇۋېتىشكە بولمايدۇ»

تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ 2 تىرىليون 660 مىليارد يۈەنلىك قەرزى قانداق بولىدۇ؟ بۇ قىزغىن مۇھاكىمە قىلىنماقتا

2013.03.14 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشى بېكىتىلىپ بولدى، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ تىرىليون يۈەنلىك قەرزىنى بىر تەرەپ قىلىش، خادىم ۋە ئاپپاراتلىرىنى تەڭشەش، ھەربىي يۆتكەش ۋەزىپىسى قاتارلىق مەسىلىلەر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ قەرز مەسىلىسى ھەممىدىن بەكرەك دىققەتنى قوزغىدى.

  بۇنىڭ ئالدىدا تۆمۈريول مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2011-يىل ئاخىرىغا قەدەر، تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ قەرزى جەمئى 2 تىرىليون 410 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، 2012-يىلنىڭ ئۈچىنچى پەسلىگە كەلگەندە بۇ قەرز يەنە 2 تىرىليون 660 مىليارد يۈەنگە يىتىپ، 2008-يىلدىكىنىڭ تۆت ھەسسىگە تەڭلىشىپ قالغان؛ ئەمما تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتكۈل مۈلكى 4 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن بولۇپ، مۈلكىنىڭ قەرز نىسبىتى %61.81، يىللىق ئۆسۈمى تەخمىنەن 15 مىليارد يۈەن ئىكەن.

  بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى توشۇمىچىلىق ئىقتىساد نەزەرىيىسى ۋە سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭچاڭ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: «تۆمۈريول مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان قەرز ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇنىڭغا يەنە بۇ يىلقى 650 مىليارد يۈەن سېلىنما پىلانىنى قوشۇپ مۆلچەرلىسەك، تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ قەرزى ناھايىتى تېزلا 3 تىرىليونغا بېرىپ قالىدىكەن. تۆمۈريول مىنىستىرلىقىنىڭ قەرزى جۇڭگو تۆمۈريولىنىڭ ھەر يىللىق توشۇمىچىلىقتىن كىرگەن كىرىمىنىڭ تەخمىنەن ئالتە ھەسسىگە تەڭ كېلىدىكەن، بۇ قەرز ناھايىتى كۆپ، ھەل قىلىنمىسا تېخىمۇ كۆپ ئەگەشمە مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.»

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە