باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپپارات ئىسلاھاتى تەخمىنەن 18 تارماقنىڭ فونكسىيەسىنى تەڭشەشكە چېتىلىدۇ

2013.03.14 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاينىڭ 11-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەركەز ئاپپاراتلىرى شىتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ فېڭ «گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسى» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ فېڭ مۇنداق قارىدى، فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، «ئۈچنى بېكىتىش» چىڭ تۇتۇلۇپ، يېڭى ئاپپاراتلار يېڭى مەسئۇلىيىتى بويىچە خىزمەتلىرىنى ئىمكانقەدەر تېز قانات يايدۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى ئالتە ئاپپاراتنى تەڭشەش خىزمىتى تەخمىنەن 18 تارماقنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشكە چېتىلىدۇ.ئالدىنقى كۈنى سۇنۇلغان يېڭى نۆۋەتلىك ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىدىن مەلۇم بولدىكى، بۇ قېتىمقى ئىسلاھات فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش ۋە مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇشنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدۇ، چوڭ تارماق ئىسلاھاتى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، تۆمۈريول كەسپىدە مەمۇرىيەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش يولغا قويۇلىدۇ، سەھىيە بىلەن پىلانلىق تۇغۇتنى، يىمەكلىك بىلەن دورا بۇيۇملىرىنى، ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق بىلەن رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيەنى، دېڭىزنى ۋە ئېنېرگىيەنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ كۈچەيتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}