باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ خادىمى دەرۋازا تۈۋىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ ياش تۆكتى

2013.03.13 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 11-مارت، بېيجىڭ، سۈرەتتىكى ئايال بولسا لەنجۇلۇق. 10-مارت ئۇ تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يولدىشى بىلەن قاتتىق ياش تۆكتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى قېرى-ياش ئۈچ ئەۋلادنىڭ ھەممىسى تۆمۈر يول بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، تۆمۈر يول ئۇلارغا چەكسىز ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بېغىشلاپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يولدىشى بىلەن تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يېتىپ كېلىپ، تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپلا ئۆزى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىدى.

  10-مارت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە ۋەزىپە ئۆزگىرىش لاھىيەسىگە قاراپ چىقىشقا تەكلىپ قىلىنغانلىقىغا ئاساسلانغاندا، تۆمۈر يول مىسنىتىرلىقى بىكار قىلىنىدىغان بولۇپ، تۆمۈر يول ۋە سىياسەت ئايرىپ باشقۇرۇلىدىكەن. تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ تۆمۈر يول تەرەققىياتىنى پىلانلاش ۋە سىياسىي مەمۇرىي ۋەزىپىسى قاتناش مىنىستىرلىقىگە قارايدىكەن؛ دۆلەت تۆمۈر يول ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، قاتناش تىرانسپورت تارمىقى باشقۇرىدىغان بولۇپ، تۆمۈر يول مىسنىتىرلىقىنىڭ باشقا مەمۇرىي ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن؛ جۇڭگو تۆمۈر يول شىركىتى قۇرۇلۇپ، تۆمۈر يول مىسنىتىرلىقىنىڭ كارخانا ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

  تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى 1949-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى نەچچە ئون يىلدا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى، بۈگۈنكى كۈندە تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ قەلبىدە «غوجائاكا» بولۇپ قالغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە